ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلاردىكى دېھقانچىلىق مەيدانىلىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
1223807
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان جەرابلۇسنىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شۇيۇق يېزىسىدا ئەرەبلەرگە ئائىت دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، خەلق بۇ ئاپەتنىڭ جاۋابكارلىقى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك غا ئىت دەپ قارايدىكەن.
12 – ئىيۇن كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ تەل ئەبياد ناھىيەسىدە پۇقرالارغا ئائىت دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەن كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.