ئىراندا CIA غا ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ئىراندا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CIA ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

1223598
ئىراندا CIA غا ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيەسى ئەدلىيە ئورگىنى بايانات بېرىپ، CIA ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىران مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالەم بوشلۇقى ئورگىنى خىزمەتچىسى جەلال ھاجى زەۋارنىڭ جازاسىنىڭ پايتەخت تېھراننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كەرەجتىكى رەجائى شار تۈرمىسىدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، زەۋارنىڭ 2010 – يىلى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ۋە قولغا چۈشۈرۈلگەن پاكىتلار شۇنداقلا ئېتىراپلارغا ئاساسەن، سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

زەۋارغا ئۆلۈم جازاسىنىڭ قاچان بېرىلگەنلىكى ۋە قاچان ئىجرا قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن باياناتتا، بۇرۇنقى ئايالىنىڭمۇ جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر