ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئومان ۋە ھۇرمۇزدىكى جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلى يۆنىلىش ئۆزگەرتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئومان قولتۇقى جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلى بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇچۇر يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى.

1223524
ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئومان ۋە ھۇرمۇزدىكى جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلى يۆنىلىش ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئەلئەرەبىييە» تېلېۋىزىيەسى، شىركەتنىڭ ئۇچۇشلاردا كېسىپ ئۆتىدىغان ئومان قولتۇقى ۋە ھۇرمۇز بوغۇزى لىنىيەسىنى بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قارارنىڭ، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، پەيشەنبە كۈنى ئومان قولتۇقى چېگراسىغا جايلاشقان ھۇرمۇزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇھمۇبارەك شەھىرى دېڭىز قىرغىقىدا «ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغان» ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «RQ-4 Global Hawk» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى قۇرۇقلۇق ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى بولسا، ھۇرمۇز بوغۇزى بوشلۇقىدا ئۇچۇۋاتقان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئارقىدىنلا ئاقسارايدا ترامپ رىياسەتچىلىكىدە ئىرانغا ھەربىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىرىلغان، ئارقىدىن ترامپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ جاۋاب قايتۇرۇش قارارىدىن «ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ» ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر