كىم جوڭئۇن ترامپتىن «مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشى» بىر پارچە مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالدى

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن «مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشى» بىر پارچە مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1223373
كىم جوڭئۇن ترامپتىن «مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشى» بىر پارچە مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – KCNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ لىدىرى كىم جوڭئۇن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن يېڭى بىر پارچە مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالغان.

كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇپنى ئوقۇشتىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى ۋە مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ترامپنىڭ جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن كىم جوڭئۇن، مەكتۇپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن ئاخىرقى قېتىم 11 – ئىيۇندا ترامپقا مەكتۇپ يازغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر