مالايشىيادىن تېررورچىلار تۇتۇپ كەتكەن 10 بېلىقچىنىڭ 9 ى بۈگۈن قۇتقۇزۇلدى

دائېشقا چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەبۇ سەييافنىڭ مالايشىيانىڭ شىمالىدىكى ساباھ ئۆلكىسى ساھىلىدىن تۇتۇپ كەتكەن 10 بېلىقچىدىن 9 ى فىللىپپىن ئارمىيەسى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدى.

1223141
مالايشىيادىن تېررورچىلار تۇتۇپ كەتكەن 10 بېلىقچىنىڭ 9 ى بۈگۈن قۇتقۇزۇلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىللىپپىن مېدىياسىنىڭ خەۋەرلىرىدە، سەيشەنبە كۈنى مالايشىيا دېڭىز ساھىلىدىن تۇتۇپ، فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى جولو ئارىلىغا ئېلىپ قېچىلغانلىقى بايقالغان 10 بېلىقچىدىن 9 نەپىرىنىڭ فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدا قالغان يەنە بىر بېلىقچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ بولسا، تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مالايشىيا ۋە فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللاردا 1991يىلىدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتى زوراۋانلىق ۋە گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلۈپ كەلمەكتە.  

بۇ تەشكىلات مىنداناۋ ۋە سۇلۇدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەقسىتىدە فىلىپپىننىڭ جۈنۇبىدا زوراۋانلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر