ھىندىستاندا يوقۇملۇق مېڭە ياللۇغى ئاپىتى 136 كىچىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندىستاننىڭ بىھار ئۆلكىسىدە يوقۇملۇق «ensefalit» (يەنى، مېڭە ياللۇغى) ئاپىتى تۈپەيلى 1 ئىيۇندىن بۇيان 136 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1222840
ھىندىستاندا يوقۇملۇق مېڭە ياللۇغى ئاپىتى 136 كىچىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرلار تېخىچە كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقالمىغان. يوقۇملۇق مېڭە ياللۇغى كېسىلى مۇشۇ ئايدىن بېشىدىن ھازىرغا قەدەر 626 كىشىدە بايقالغان.

سەھىيە ئەترەتلىرى ئالدىن بايقاش سەپەرلىكى باشلاپ، ئۆيمۇ ئۆي تەكشۈرۈشلەردە بولماقتا.

مۇتەخەسىسلەر ھىندىستاننىڭ ئەڭ نامرات ئۆلكىلىرىدىن بىرسى بولغان بىھاردا بايقالغان يۇقۇملۇق كېسەلگە توڭ لىچى مىۋىسى يېيىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر ۋىرۇسنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ كېسەللىك ئەڭ كۆپ كىچىك بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، مېڭىگە سۇ توپلىشىپ قىلىش، قۇسۇش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قىززىتمىلارغا يول ئاچىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر