بەششار ئەسەد ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1222983
بەششار ئەسەد ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە تەۋە ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيى بىلدۈرگەن رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ، ھاما ۋىلايىتىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش چېگراسى ئىچىدە قالغان كەفەر زىتا ۋە لاتامىنە ناھىيەلىرىنى، رەكايا، ھىسرايا، تېل مەلەھ ۋە جۇببەين يېزىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

كەفەر زىتا ناھىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىككى پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئايروپىلانلىرىمۇ ئىدلىبنىڭ خان شەيخۇن ناھىيەسى ۋە مائاررىتھىرمە يېزىسى بىلەن ھەلەبنىڭ رىف ئەل مۇھەندىسىن رايونىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا، 4 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، بۈگۈن (21-ئىيۇن) ئەتىگەندە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا جەمئىي ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر