خىتاي سودا ئۇرۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ تەھدىتلىرى ۋە باجلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1222242
خىتاي سودا ئۇرۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا مىنىستىرلىقى سودا ئۇرۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تەھدىت خاراكتېرلىك گەپ قىلىشنىڭ ۋە خىتاي ماللىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىشنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گاۋ فېڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى ئەندىشەلەرنى مۇۋاپىق ھالدا نەزەردە تۇتۇش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئامېرىكا خىتايغا قارشى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا سودا تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇ ئەھۋال ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىغا مۇھىم مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دېدى.

ئاقساراي 18-ئىيۇن (چارشەنبە) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى %25 كە چىقىرىشى، سودا ئۇرۇشى ئەندىشەلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. ئامېرىكا-خىتاي ھەيئەتلىرىنىڭ ماي ئېيىدىكى سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان ئىدى.

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە 28-29-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانG-20  دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجى ۋە ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر