ئىران چەت ئەللىكلەرنىڭ پاسپورتىغا كىرىش چىقىش تامغىسى باسمايدىغان بولدى
ئىران چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن بىرەر قېيىنچىلىققا دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن ئىرانغا كىرىش - چىقىشتا پاسپورتلىرىغا تامغا باسمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئەلى رەببى پايتەخت تېھراندىكى ھەپتىلىك مىنىستىرلار كابېنتى يېغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۈگۈنكى يېغىندا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار ھازىرلىق دوكلاتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگەن ئېمباروگولىرى سەۋەبىدىن ئىرانغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بەزى ئەندىشىلەرنى ھېس قىلىشى مۇمكىنلىكى ۋە ھەتتا جازاغا ئۇچرىشىمۇ مۇمكىنلىكى قاتارلىق ئېھتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر ئىرانغا كەلگەندە پاسپورتلىرىغا كىرىش چىقىش تامغىسى بېسىلماسلىقى ۋە باشقا بىرەر رۇيخەتكىمۇ ئېلىنماسلىقى كېرەكلىكىگە دائىر بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەلى رەببى: «كىشىلەر ئەمدى ھېچقانداق ئەندىشىلىنىپ يۈرمەستىن ئىراننى زىيارەت قىلسا بولىدۇ. پاسپورتلارغا تامغا ئۇرۇلماسلىق ھەققىدىكى بۇيرۇق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىران ئايرودورۇملىرىدا ئىجرا قىلىنىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2015 – يىلى ئىران بىلەن ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن 2018 – يىلى 8 – مايدا ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقىپ، ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولارنى قايتىدىن يولغا قويغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.