كولومبىيە-ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدا ئېتىشىش يۈز بەردى

كولومبىيە-ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدىكى بوكا دېغرىتا (Boca de Grita) رايونىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچى ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدا ئېتىشىش چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1220997
كولومبىيە-ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدا ئېتىشىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ كولومبىيە چېگراسىدىكى قانۇنسىز قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا چىققان يۈز توقۇنۇشلاردا 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلا بىلەن كولومبىيەنىڭ تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋېنېزۇئېلانىڭ كولومبىيە چېگراسىدىكى داچىرا (Tachira) ئىشتاتىغا قاراشلىق بوكا دېغرىتا رايونىدا، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەن. ئېتىشىشتا، ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە بومبىلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 12 كىشى ئۆلگەن، 10 كىشى يارىلانغان.

ئېتىشىشتا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ ئارىسىدا پۇقرالارنىڭ بار-يوقلۇقى بىلىنمىدى. ئېتىشىشتىن كېيىن، كولومبىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتكەن ئىككى قوراللىق كىشىنى تۇتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كولومبىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، تۇتۇلغان ئىككى كىشى كولومبىيە تەرەپكە دورا تېپىش ئۈچۈن ئۆتكەندە قوراللىرى بىلەن قولغا چۈشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى ئېتىشىش توغرىسىدا تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋېنېزۇئېلا قوراللىق قىسىملىرىدىن رايوندىكى قانۇنسىز قوراللىق گۇېۇپپىلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر