بېلگىيەدە ئىككى پ ك ك ئەزاسى تۇتۇلدى

بېلگىيە ئىككى پ ك ك ئەزاسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا توپلاش ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا پائالىيەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتتى.

1221397
بېلگىيەدە ئىككى پ ك ك ئەزاسى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە بېلگىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ساقچى تەشكىلاتى (Europol) نىڭ قوللىشى ئاستىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.

ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھەرىكەت دائىرىسىدە بېلگىيەدە ئىككى تېررورىست تۇتۇلغان. بېلگىيە سوتىدا، ئىككى تېررورىست تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا توپلاش ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا پائالىيەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

مەزكۇر ئىككى تېررورىستنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە خەلق قوغدىنىش كۈچلىرى (HPG) نىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك 2002-يىلىدىن تارتىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر