يەمەندە ھۇسىيلارغا ئائىت باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارتلاپ ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۆلدى

يەمەننىڭ پايتەختى سانادا ھۇسىيلارغا ئائىت بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھۇسىيلار ئۆلدى.

1220759
يەمەندە ھۇسىيلارغا ئائىت باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارتلاپ ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە ئائىت «‹26sepnews.net › خەۋەرلەر تورى» دا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا، «پايتەخت سانادا ھۇسىيلارلارغا ئائىت بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھۇسىيلار ئۆلدى» دېيىلدى.

ھۇسىيلارنىڭ خەلقئارا سانا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدىكى دەيلەمى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئۇچۇردا، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

بۇ ھەقتە نە ئىران ھۆكۈمىتى، نە ھۇسىيلار ھېچقانداق بايانات ئېلان  قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر