ئىسسىق ھاۋا 184 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندىستاندا ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان كۈچىيىپ كەتكەن قاتتىق ئىسسىقتا 184 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1220481
ئىسسىق ھاۋا 184 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستانلىق ئەمەلدارلار، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بىھار ئۆلكىسىنىڭ ئاۋرانگاباد، گايا ۋە ناۋادا رايونلىرىدا 50 گىرادۇسقا يەتكەن ئىسسىق ھاۋا تۈپەيلى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان 184 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋرانگابادتا تۈنۈگۈن 34 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەمەلدارلار، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرى ھارش ۋاردخان، تېمپېراتورا تۆۋەنلىمەي تۇرۇپ خەلقنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە ئۆيلىرىدىن چىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

ھىندىستاندا مارت ئېيى بىلەن ئىيۇل ئېيى ئارىسىدا ھاۋا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىپ كېتىدۇ.

2010 – 2018 – يىللىرى ئارىسىدا دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ھاۋانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلى كەم دېگەندە 6 مىڭ ئادەمىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر