ئامېرىكا ئىراننى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئىراننى چەكتىن ئارتۇق قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1220508
ئامېرىكا ئىراننى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى يادرو كېلىشىمىدىكى ئۇران ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىغا خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس كۈندىلىك ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقى توغرۇلۇق بايانات بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئىراننىڭ بۇ باياناتىنىڭ «تەھدىت»ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى ئورتاگۇس مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ سەۋەبتىن ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئورنىغا يېڭى ۋە تېخىمۇ ياخشى بىر كېلىشىم تۈزۈش لازىملىقىنى دەپ كېلىۋاتىدۇ، بىز ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا قاراپ تۇرمايمىز، ناۋادا ئىران ھۆكۈمىتى يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشقا تۇتۇش قىلسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.»

ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسى باياناتچىسى بەھرۇز كەمالۋەندى، 10 كۈندىن كېيىن قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنىڭ 300 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مىقدارنىڭ يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىگە كۆرە، تېھران ھۆكۈمىتى قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران مىقدارى 300 كىلوگىرامدىن ئاشقان تەقدىردە بۇلارنى چەت ئەلگە يۆتكەشكە مەجبۇر ئىكەن.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى 8-مايدا بايانات بەرگەندە، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىغا قارشى 60 كۈن ئىچىدە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىكى مەنپەئەتلىرى مۇھاپىزەت قىلىنمىغان ئەھۋالدا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر