راھمى كوچ مۇزېيى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «راھمى كوچ مۇزېيى» غا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1220429
راھمى كوچ مۇزېيى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيەنىڭ تۇنجى سانائەت مۇزېيىنىڭ خالىچ (دېڭىز بوغۇزى) تا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1994 – يىلى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن راھمى كوچ مۇزېيى دېڭىز بوغۇزىدىكى ئۆتمۈشى ۋىزانتىيە دەۋرىگىچە سوزۇلىدىغان تارىخىي لەنگەرخانە بىناسىدا ئېچىلدى.

قۇرغۇچىسى راھمى كوچنىڭ خۇسۇسىي تىرىشچانلىقى، قىلىنغان ئىئانىلەر ۋە تاپشۇرۇلغان يادىكارلىقلار بىلەن ئىزچىل ھالدا بېيىپ مېڭىۋاتقان  مۇزېيدا 13- ئەسىردە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىدىن تارتىپ 20 – ئەسىردىكى ھارلېي داۋىدسون موتوسىكلېتقىچە بولغان ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى سەككىز يۈزدىن ئارتۇق تارىخىي يادىكارلىق كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

راھمى كوچ مۇزېي ھەم ئۆگىتىشنى، ھەم كۆڭۈل ئېچىشنى نىشان قىلغان؛ ئۇ، كىلاسسىك مۇزېي چۈشەنچىسىنىڭ رامكىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، مېيىپلار ئۇنى لېفىت ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ. مۇزېيغا كەلگەن ئوقۇغۇچى ۋە زىيارەتچىلەر كۈندىلىك ھاياتتا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنىمۇ ئۆگىنەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر