قاھىرەدە يەرلىككە قويۇلغان مۇرسىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنىڭ جەسىتى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا پايتەخت قاھىرەدە دەپنە قىلىندى.

1220448
قاھىرەدە يەرلىككە قويۇلغان مۇرسىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇرسىنىڭ جەسىتى مەدىينەتۇنناسىر رايونىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) رەھبەرلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.

شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت 05:00 تىكى دەپنە مۇراسىمىغا مۇرسىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىدىن باشقا ھېچكىم قاتنىشالمىدى.

مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان 67 ياشلىق مۇھەممەد مۇرسى، «جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان مەھكىمە زالىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى، «مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئىزچىل ھالدا تېببىي كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ۋاپاتىغا تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرسە، ئىخۋان، ئۇنىڭ قەستەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇرسىنىڭ ۋاپاتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا، «مۇرسى شارائىتى ناھايىتى ناچار كامېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، داۋالىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىپ ئۆلۈمگە تەرك قىلىندى. ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى مىسىر ھۆكۈمىتىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىخۋان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىردى ۋە ئۇلاردىن مىسىردىكى تۈرمىلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان تېببىي جەھەتتىكى بىپەرۋالىقلار تۈپەيلى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مىسىر تۈزۈمىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

مىسىر تەپتىش مەھكىمىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا ۋاپات بولغانلىقىنى، بەدىنىدە ھېچقانداق يارا ئىزلىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مۇرسىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ۋەقەنىڭ مۇستەقىل بىر كومىتېت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى توغرىسىدا چاقىرىقلارنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر