ئىراق ئۆكتىچىلىرى سېپىنى كۈچەيتمەكتە

ئىراقتا ئەممار ئەلھەكىم رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ھېكمەت ئېقىمى، ئادىل ئەلمەھدى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1219952
ئىراق ئۆكتىچىلىرى سېپىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ھېكمەت ئېقىمى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئېقىمنىڭ سىياسىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ بۈگۈن چاقىرىلغان ئالاھىدە يىغىنىدا، ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە ئىراق ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي ئەندىشىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېقىمنىڭ سىياسىي تاللىشىنى بېكىتىپ چىققانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مىللىي ھېكمەت ئېقىمىنىڭ، ئادىل ئەلمەھدى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىراقنىڭ بەزى جايلىرىدا تېمپېراتورانىڭ 50 گىرادۇسقا يەتكەنلىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى توك توختاپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقلارنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى دىققەتنى تارتماقتا.

ئەممار ئەلھەكىم رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ھېكمەت ئېقىمى، ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەن ئادىل ئەلمەھدى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى بايرىقىنى چىقارغان تۇنجى شىئە سىياسىي ئېقىم بولۇشى دىققەتنى تارتتى.

329 ئورۇندۇقلۇق ئىراق پارلامېنتىدا مىللىي ھېكمەت ئېقىمىنىڭ 19 پارلامېنت ئەزاسى بار.


خەتكۈچ: #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر