نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 30 ئادەم ئۆلدى

بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا سادىر قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 30 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 45 ئادەم يارىلاندى.

1219956
نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 30 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئاگېنتلىقىنىڭ بورنو ئۆلكىسى دىرېكتورى ئۇسمان كاچاللا، بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆلكىگە قاراشلىق ماندارارى يېزىسىدا تۈنۈگۈن كېچە ئۈچ ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلغانلىقىنى، ھۇجۇملاردا 30 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 45 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا نىگېرىيەدە 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بوكو ھارامنىڭ 2009 – يىلىدىن تارتىپ سادىر قىلىشقا باشلىغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.

تەشكىلات، 2015 – يىلىدىن بۇيان نىگېرىيەگە چېگراداش كامېرۇن، چاد ۋە نىگېردىمۇ ۋەقە پەيدا قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەشكىلاتنىڭ چاد چۆلى ۋادىسىدىكى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 2 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر