نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللۇق ھۇجۇمدا 35 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1219212
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زامفارا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۋاللىدو، تۇنگار كاھائۇ ۋە گىدان ۋاۋا يېزىلىرىغا موتوسىكلېت بىلەن كەلگەن قوراللىق كىشىلەر، دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلىپ 35 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، نۇرغۇن كىشىنى يارىلاندۇرغان.

ئالاقىدار تەرەپلەر ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە بىرەر بايانات ئېلان قىلمىدى.

يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ قالغان موتوسىكلېتلىكلار ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن نىگېرىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە موتوسىكلېتقا مىنىش چەكلەنگەنىدى. رايون پات – پاتلا پادىچىلار بىلەن دېھقانلارنىڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولىدۇ. قوراللىق شايكىلار بۇ خىل توقۇنۇشلاردىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئاھالىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر