خىتاي فىلىپپىنگە تەۋە كېمىنى خىتاي كېمىسىنىڭ چۆكتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

فىلىپپىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەگەر فىلىپپىن كېمىسىنى خىتايغا تەۋە بېلىقچى كېمىسىنىڭ سۇغا چۆكتۈرىۋەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، خىتاي بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

1219023
خىتاي فىلىپپىنگە تەۋە كېمىنى خىتاي كېمىسىنىڭ چۆكتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئالدىنقى ھەپتە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىنگە تەۋە كېمىنىڭ سۇغا چۆكتۈرىۋىتىلىشى ۋەقەسىدە ھېچقانداق قەستەنلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ مالىنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي كېمىسىنىڭ فىلىپىنگە تەۋە بەزى كېمىلەر تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقى ۋە ئۇ جەرياندا قايرىلىپ كېتىش مەقسىتىدە ھەرىكەتلىنىش ئەسناسىدا، فىلىپپىنگە تەۋە بېلىقچى كېمىسىگە سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق ۋەقەدە ھېچقانداق قەستەنلىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ باياناتىدا، ئۇرۇپ قىچىپ كېتىشتەك بىرەر ئىش بولمىغانلىقى تەكىتلەندى. خىتاي بېلىقچى كېمىسى كاپىتانىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن فىلىپپىنلىك بېلىقچىلارنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولسىمۇ بىراق فىللىپپىنگە تەۋە كېمىلەر ئۇنى قورشىۋالغان بولغاچقا ئەندىشىلىنىپ، قۇتقۇزالماي قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق باياناتچىسى سالۋادور پانېلو ئىككى كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەگەر فىلىپپىن كېمىسىنى خىتايغا تەۋە بېلىقچى كېمىسىنىڭ سۇغا چۆكتۈرىۋەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، خىتاي بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي 1947يىلى ئېلان قىلغان بىر خەرىتىنى باھانە قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى داۋاسى قىلىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ %80 نىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. شۇ ۋەجىدىن يەر ئاستى بايلىقى مول بۇ رايون ئۈستىدە فىلىپپىن، ۋېيىتنام، بىرۇناي ۋە مالايشىيا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىشى داۋاملاشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارغا ھەربىي بازا قۇرۇپ، ئىگلىك ھوقۇقىنى داۋا قىلىشىغا رايوندىكى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە ئامېرىكامۇ قارشى چىقىپ كەلمەكتە.

خەلقئارادا «پاراچال ۋە سىپراتلىي» دەپ بىلىنىدىغان تاقىم ئاراللىرى ۋېيىتنام تەرىپىدىن «خوڭ سا ۋە ترۇڭ سا» دەپ ئاتىلىدۇ. خىتاي بولسا، «شىشا ۋە نانشا چۈنداۋ» دەپ ئاتىماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر