ئىران ئامېرىكانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قارشى «بۇزغۇنچىلىق دىپلوماتىيەسى»ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1218518
ئىران ئامېرىكانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇممان قولتۇقىدا ئىككى نېفىت پاراخوتىنىڭ ھۇجۇم ئۇچرىشىنى باھانە قىلىپ «بۇزغۇنچىلىق دىپلوماتىيەسى»ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر زارىف تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يېزىپ، ئۇممان قولتۇقىدا يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەبىدىن ئىراننى ئەيىبلىگەن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە توغرۇلۇق يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات تېپىپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇممان قولتۇقىدىكى ۋقەنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ئاقساراي مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە  ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن زەيىد قاتارلىق شەخسلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مىنىستىر زارىف ئۇچۇرىدا مۇنۇلارنى يازدى: «ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويمايلا ئىراننى ئەيىبلىشى، ئىرانغا قارشى گۇرۇھلارنىڭ ئىرانغا قارشى دىپلوماتىك بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، بۇ ھۇجۇمنىڭ نىشانىدا يەنە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىمۇ بار.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇرۇنقى باياناتلىرىدىمۇ بۇ خىلدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا قارشى ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرەلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئەمەس، ئىرانغا قارشى گۇرۇھلارنىڭ كەچمىشىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇردۇم.»

ئۇممان قولتۇقىدا تۈنۈگۈن بىرى ياپونىيەگە، يەنە بىرى نورۋېگىيەگە تەۋە  ئىككى نېفىت پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان نېفىت پاراخوتلىرىدىكى 44 پاراخوت خادىمى ئىران ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ ئىراننىڭ ھۈرمۈزگان ۋىلايىتىگە قاراشلىق جاسك پورتىغا يۆتكەپ كېلىندى.

ۋەقە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە ئوتتۇرا شەرقتە مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېھران رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋەقە توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «قولىمىزدىكى مەلۇماتلار، ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن قوراللار ۋە ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كەسپىيلىكىگە قاراپ بۇ ئىشنىڭ كەينىدە ئىراننىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۇردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر