ئامېرىكا: «ئۇممان قولتۇقى» دا نېفىت پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىران

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «ئۇممان قولتۇقى» دا ئىككى نېفىت پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىران دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1218491
ئامېرىكا: «ئۇممان قولتۇقى» دا نېفىت پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىران

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېيو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئىراننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان «ھۈرمۈز بوغۇزى» دىكى  نېفىت تىرانسپورتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ھەربىر نۇقتىدا ئوخشاش ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ  يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى تىلغا ئالدى، ھەمدە «ئۇممان قولتۇقى» دا ئىككى نېفىت پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىران دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا، ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن قورال – ياراغلار ھەم ۋاسىتىلارغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، رايوندا بۇنداق مۇرەككەپ بىر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارالايدىغان  كۈچ ۋە بۇنداق قابىلىيەتكە ئىگە ئىراندىن باشقا ھېچقانداق بىر گۇرۇپپا يوق. بۇ ھۇجۇم ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلغان خەۋپلىك ھۇجۇملىرىدىن پەقەتلا بىرى، خالاس. بۇنداق ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان ھۇجۇملار، دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدىكى <سەپەر ئەركىنلىكى> بەلگىلىمىلىرىدىن سىرت يەنە، خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.»

«ئۇممان قوتۇقى» دا تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىككى چوڭ نېفىت پاراخوتىدا پارتلاش مەيدانغا كەلگەنىدى.  

پاراخوتلاردىكى 44 كىىشلىك كاپىتان، ئىران ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئاندىن ئىراننىڭ ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق جاسك پورتىغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر