سۇداندا بىر قېتىملىق ەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان
سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشى پىلانلىق ھەربىي ئۆزگىرىشتىن ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ۋە سىياسىي كومىتېت باشلىقى شەمسەددىن قەبباشى ئىبراھىم پايتەخت خارتۇمدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەربىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قولغا ئېلىنغان بىر گۇرۇپپا ئەسكەرلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «مەزكۇر ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن ناھايىتى ئېغىر. مۇزاكىرەلەردە بىر زالدا ئولتۇرغان ئەركىنلىك ۋە ئىسلاھات خىتابنامىسى كۈچلىرىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرمۇ ھەربىي ئۆزگىرىش پىلانلىدى» دېدى.
سۇدان ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ھاشىم ئابدۇلمۇتەللىپ ئەھمەت بابەكىر تۈنۈگۈن (13-ئىيۇن) ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىنقى ۋاقىتتا بىر ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھەربىي مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان68 ئوفىتسېر سوراق قىلىنماقتا ئىكەن.