شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى بىشكەكتە چاقىرىلدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكستان، تاجىكستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە چاقىرىلدى.

1218840
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى بىشكەكتە چاقىرىلدى
sio liderler zirvesi1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «خەۋپسىزلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر رايونغا نەزەر» تېمىسىدا چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا، رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكستان، تاجىكستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشتى. ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىر ۋەكىلى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. ئافغانىستان، بېلارۇسىيە، ئىران ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا، كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىدە قاتناشتى.

يىغىندا، تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى تەسىرچانلىقى، تەشكىلىي تەرەققىياتى، ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، قاتناش-تىرانسىپورت، ئافغانىستانغا تەھدىت سېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرى بولدى.

يىغىندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى قىرغىزىستاندىن رۇسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ۋلادىمىر نوروۋ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يىغىندا تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇندىن كېيىن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتىشتە، تىنچلىق خاراكتېرلىك سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەسسە قوشىدۇ» دېدى. ئۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتتا تېررورىزم ۋە ئاشقۇنلۇق پىكىرلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يىغىن ئاخىرىدا «بىشكەك خىتابنامەسى» ئىمزالانغانلىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇش ئىشىانىسى ۋە ئاستانا خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى-ئافغانىستان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت پىلانىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر