كىم جوڭئۇن ترامپقا مەكتۇپ يوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇندىن يېڭى بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

1217105
كىم جوڭئۇن ترامپقا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇندىن «ناھايىتى ياخشى بىر مەكتۇپ» تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىم جوڭئۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ناھايىتى ياخشى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر تېخىمۇ ئىجابىي بولىدۇ، دەپ قارايمەن. پات يېقىندا كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن، ئۇنىڭ ماڭا يوللىغان سەمىمىي مەكتۇبى، شىمالىي كورېيەنىڭ ناھايىتى زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆگەي قېرىندىشىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA) ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بۇنداق ئىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول قويمايمەن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ۋېيتنامدا فېۋرال ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغان، ئاقساراي ئۇچرىشىشلارنىڭ دۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر