بارزانى بارزانىغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى نەچىرۋان بارزانى، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى مەسرۇر بارزانىغا تاپشۇردى.

1217414
بارزانى بارزانىغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسرۇر بارزانىنىڭ ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى نەچىرۋان بارزانىنىڭ، تۈنۈگۈن رايون پارلامېنتى تەرىپىدىن كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن باش مىنىستىرلىققا نامزات كۆرسىتىلگەن مەسرۇر بارزانىغا ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ۋەزىپىسى تاپشۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 111 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتىدا تۈنۈگۈن 97 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باشلىقى مەسئۇد بارزانى رەھبەرلىكىدىكى كورد دېموكراتېك پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى مەسرۇر بارزانى 87 ئاۋاز بىلەن يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىشقا نامزات كۆرسىتىلگەنىدى.

قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باشلىقى مەسئۇد بارزانىنىڭ ئوغلى، رايونلۇق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مەسرۇر بارزانى بىر ئاي ئىچىدە ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىپ بولۇشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر