روسئاتوم رىيادتا تارماق ئاچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى – روسئاتوم، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يادرو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن رىيادتا تارماق ئاچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1216167
روسئاتوم رىيادتا تارماق ئاچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسئاتوم بايانات بېرىپ، موسكۋادا رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدا ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا ھۆكۈمەتلەرئارا يىغىن چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنىغا رۇسىيەگە ۋاكالىتەن ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكساندېر نوۋاكنىڭ ئىشىتراك قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش ساھەسى بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقى ۋە بۇ دائىرىدە روسئاتومنىڭ رىيادتا تارماق ئاچىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان بايلىقلىرى مىنىستىرى خالىد ئەلفالىھمۇ ھۆكۈمەتلەرئارا يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، روسئاتومنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان تۇنجى يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسىنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يادرو تېخنولوگىيەسى شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان روسئاتوم، تۈركىيەدىكى ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق دۇنيا مىقياسىدا 42 يادرو رىئاكتورى قۇرۇلۇشىدا ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر