مىسىر يەنە بىر مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىدى
مىسىردا سوت مەھكىمىسى خەلق ئارىسىدا «ئۇسىم ھۈجرىسى دېلوسى» دەپ بىلىنىدىغان بىر دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلاردىن بىرسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى قارارىنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر سوت مەھكىمىسى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دېلودا سوت قىلىنغان ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گۇماندارلاردىن بەكىر ئەبۇ جەبەلنىڭ بۇ ھۆكۈمگە قارشى يۇقىرى سوتقا سنۇغان ئەرزنامىسىغا ئالاقىدار سوت ئېچىلغان.
سوت مەھكىمىسى ئەبۇ جەبەلنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى تەستىقلاش بىلەن بىرگە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يەنە بىر گۇماندارنىڭ جازاسىنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن.
سوت مەھكىمىسى يەنە، 12 نەپەر گۇماندارغا بېرىلگەن 15 يىللىقتىن قاماق جازالىرىنىمۇ تەستىقلىغان ۋە 2 گۇماندارنىڭ 15 يىللىقتىن قاماق جازاسىنى بولسا، 10 يىلغا چۈشۈرگەن.
بۇ دېلودا سوتقا تارتىلغان گۇماندارلار «تېررورلۇق ھۈجرىسىگە ئەزا بولۇش، سودىيە فەتھى ئەل بەييۇمىغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇش، قورال ساقلاش ۋە دۆلەتنىڭ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىگە ھۇجۇم قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەبىلەنمەكتە.
مىسىردا 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن 2019 – يىلى فېۋالغىچە بولغان ئارلىقتا ئاساسلىق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان 42 گۇماندارنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئىدى.
سوتتا يېنىكلىتىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاخىرلاشقان يەنە ئونلىغان گۇماندار ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى چارىسىزچە كۈتمەكتە.