تۈنۈگۈن مىسىردا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان 14 كىشى ئۆلتۈرۈلدى

مىسىر دائىرىلىرى تۈنۈگۈن شىمالىي سىنا رايونىدا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلاردىن 14 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1214287
تۈنۈگۈن مىسىردا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان 14 كىشى ئۆلتۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئارىش شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ساقچى پونكىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تېررورچىلارنىڭ ئەلمەسائىد رايونىدا تاشلاندۇق بىر ئۆيگە يوشۇرۇنغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى جەريانىدىكى توقۇنۇشتا، 14 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تېررورچىلارنىڭ ئارىش شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنا بىر ھەربىي ئوفېتسىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ساقچى مەمۇرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 5 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر