بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبنى بومباردىمان قىلدى

بەششار ئەسەد كۈچلىرى سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلغان نۇقتىلارنىڭ ئەتراپىنى توپ بىلەن بومباردىمان قىلدى.

1212039
بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىستلاردىن تەشكىللەنگەن قىسىم، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا جايلاشقان زاۋىيەدە تەسىس قىلغان 10 كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئەتراپىنى توپ بىلەن بومباردىمان قىلدى.

بومباردىماندا كۆزىتىش نۇقتىلىرى ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىدى. بومباردىماننىڭ لازقىيەنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايوندىن ياكى ھامادىكى كەرىم رايونىدىن قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بەششار ئەسەد قىسىملىرى 2019-يىلى 29-ئاپرېل ۋە 4-12-ماي كۈنلىرىمۇ ئوخشاش نۇقتىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئاستانا كېلىشىمى رامكىسىدا ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا 12 كۆزىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلغان ئىدى. مەزكۇر نۇقتىلارنىڭ بىر قانچە كىلومېتىر قارشىسىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەل تېررورىست گۇرۇپپىلىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر