فىرانسىيە باش مىنىستىرى پارلامېنتتىن ئىشەنچ ئاۋازى ئالىدۇ
فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدۋارد پىلىفې 12 – ئىيۇن كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ئۆزى ھەققىدە مىللىي پارلامېنتتىن ئىشەنچ ئاۋازى ئالىدۇ.
1211234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت باياناتچىسى سىبېت ندىئايې، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، باش مىنىستىر پىلىفېنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدىن كېيىن، 12 – ئىيۇن كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانلىرى ۋە يول خەرىتىسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 577 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپىدىغان پارلامېنتتا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى جۇمھۇرىيەت سەپىرى ھەرىكىت پارتىيەسىنىڭ 306 پارلامېنت ئەزاسى بار ئىكەن.