ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشەلمەي تارقىلىپ كەتتى

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشەلمەي تارقىلىپ كەتتى.

1209413
ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشەلمەي تارقىلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە پارلامېنتىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا باش مىنىستىر سېباستىيان كۇرز ۋە مۇۋەققەت ھۆكۈمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچ ئاۋازى پائالىيىتىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان ئۆكتىچىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كۆزلەپ بېلەت تاشلىدى.

باش مىنىستىر ۋە ئاۋسترىيە خەلق پارتىيەسى باشلىقى سېباستىيان كۇرز، ئۆزى ۋە ھۆكۈمىتىگە قارشى بېلەت تاشلىغۇچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئاخىرقى قارارنى خەلق چىقىرىدۇ» دېدى.

كۇرز، ئاشقۇن ئوڭچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ھېئىنز كىرىستىيان ستراچېنىڭ رۇسىيە بىلەن سودىلاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ، ھەم بىرلەشمىگە ھەم ھۆكۈمىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ جەرياندا پىرېزىدېنت ئالېكساندر ۋان دېر بېللېن، مۇۋەققەت ھۆكۈمەت بېكىتىلىپ بولغۇچە مالىيە مىنىستىرى ھارتۋىگ لۆگېرنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېللېن، مىنىستىرلارنىڭ بولسا، سايلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ بولغۇچە ۋەزىپىلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئاۋسترىيەدە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت، دەپ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پارلامېنتتا تۇنجى قېتىم بىر باش مىنىستىر ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشەلمەي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولدى.

ئاۋسترىيەدە ئۆتكەن ھەپتە ئاشقۇن ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ھېئىنز كىرىستىيان ستراچېنىڭ 2017 – يىلى ئىسپانىيەنىڭ ئىبىزا ئارىلىدا بىر رۇس كارخانىچى بىلەن يېقىنلىشىۋاتقان ئومۇمىي سايلاملاردا «پارتىيەسىگە ياردەم قىلغان تەقدىردە، بىر قىسىم دۆلەت لايىھەلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى رۇسىيەگە بېرىش جەھەتتە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى» توغرىسىدا سودىلاشقانلىقىغا دائىر بىر ۋىدېئو تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان، ئاشقۇن ئوڭچى ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر