ئىسىرائىلىيە سۈرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ بىر ئايروپىلان ئاتار باتارىيەسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1209320
ئىسىرائىلىيە سۈرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ بىر ئايروپىلان ئاتار باتارىيەسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سۈرىيەنىڭ بىر ئايروپىلان ئاتار باتارىيەسىدىن ئىسىرائىلىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە نورمال ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانىمىزغا ئوق ئېتىلدى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئايروپىلانىمىزغا ئوق ئېتىلغان ئايروپىلان ئاتار باتارىيەسىنى پاچاقلاپ تاشلىدۇق.»

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سانا (SANA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسىرائىلىيەنىڭ كۇنەيترا ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان خان ئەرنەبە رايونىدىكى بىر ھەربىي نۇقتىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، بىر ئەسكەر ئۆلگەن، بىر ئەسكەر يارىلانغان.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئىسىرائىلىيە ئۆزىگە قارىتىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا كۆز يۇممايدۇ ۋە بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قەتئىي ھالدا جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېدى.

غەززەدىكى ھاماس ھەرىكىتى ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەممىسىگە قىلىنغان ھۇجۇم بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھاماس ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى ھازىم قاسىم ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، ئەرەب دۇنياسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بولغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ پەلەستىنگە قارىتا ھېچقاچان توختىمىغان ھۇجۇملارنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر