مۇسۇلدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبا ھۇجۇمىدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 كىشى يارىلاندى.

1208635
مۇسۇلدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مۇسۇلغا قاراشلىق رابىئە يېزىسىنىڭ ئۇۋەينە كەنتى مەركىزىگە توختىتىپ قويۇلغان بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان تىزگىنەك بىلەن پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 8 پۇقرا يارىلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جاۋابكارلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراقنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا بۇنداق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن گۇمانلىنىلماقتا ئىكەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ بەسرەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇل، ئەنبەر، سالاھىدىن ۋە دىيالە قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە پات - پات دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر