ئافغانىستاندا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا جامە مېھرابىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلىدى

پايتەخت كابۇلدىكى جامەنىڭ مېھرابىدا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە جەمئىي 3 كىشى ئۆلدى.

1207976
ئافغانىستاندا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا جامە مېھرابىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلىدى

 

پايتەخت كابۇلدىكى جامەنىڭ مېھرابىدا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە جەمئىي 3 كىشى ئۆلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر جامەدە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى ئۆلۈپ، 32 كىشى يارىدار بولدى.

كابۇل ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى فېردەۋس فارامارز كابۇلنىڭ ساراق نەۋ رايونىدىكى ئەل تەقۋا جامەسىنىڭ مېھرابىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ جۈمە نامىزى ئەسناسىدا پارتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى فېردەۋس فارامارز ھۇجۇمدا ئەل تەقۋا جامەسىنىڭ ئىمامى ۋە دىنىي ئالىم مەۋلەۋى سەمىئۇللاھ رەيھاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، دىنىي ئالىم سەمىئۇللاھ رەيھاننىڭ ھەر قېتىم قاتناشقان تېلېۋزىيە پىروگراممىلىرىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى باياناتلارنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاھىدوللاھ مايار بولسا، ھۇجۇمدا دىنىي ئالىم سەمىئۇللاھ رەيھان بىلەن بىرگە 2 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 32 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

يارىدارلاردىن بەزىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر