ۋېنېزۇئېلادىكى توقۇنۇشتا 23 كىشى ئۆلدى ۋە 19 ساقچى يارىدار بولدى

ۋېنېزۇئېلادا بىر ساقچى پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 23 مەھبۇس ئۆلدى.

1207933
ۋېنېزۇئېلادىكى توقۇنۇشتا 23 كىشى ئۆلدى ۋە 19 ساقچى يارىدار بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پورتۇگۇسا ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلار قېچىپ كېتىش ئۈچۈن قولغا چۈشۈرۈشكەن قوراللار بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان.

يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئاز دېگەندىمۇ 23 كىشى ئۆلۈپ، 19 ساقچى يارىدار بولغان.

ۋەقە ھەققىدە رەسمىي ئورگانلاردىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

مەتبۇئاتلار ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان خەۋەرلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بەزى مېدىيا ئورگانلىرى بىر تۈرمىدە ئىسيان چىققانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 29 مەھبۇسنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشماقتا.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر