جەۋاد زارىف ترامپنىڭ قوشۇمچە ئەسكەر يوللاش قارارىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئەسكەر يوللاش قارارىنىڭ رايونغا نىسبەتەن ئىنتايىن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1208070
جەۋاد زارىف ترامپنىڭ قوشۇمچە ئەسكەر يوللاش قارارىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف پاكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتىدىن كېيىن، پايتەخت ئىسلامئابادتىن تېھرانغا مېڭىش ئالدىدا ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» غا بايانات بېرىپ، «ئامېرىكانىڭ رايونىمىزدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇشى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر. خەلقئارا جامائەتچىلىك تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت بولۇۋاتقان بۇ ئەھۋالغا قارشى چىقىشى لازىم» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئوتتۇرا شەرققە تەخمىنەن 1500 نەپەر قوشۇمچە ئەسكەر يوللاشنى تەستىقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

دونالد ترامپنىڭ باياناتىدىن ئازغىنە ۋاقىت ئىلگىرى ئامېرىكا ئاخباراتلىرىغا چىققان خەۋەرلەردە، ترامپنىڭ قوشۇمچە ئەسكەر يوللاش قارارى ماقۇللىغانلىقى ۋە بۇ قارار ھەققىدە پالاتاغا مەلۇمات سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2 ھەپتە ئىلگىرى ئىراندىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان تەھدىتلەرگە قارشى تەدبىر مەقسىتىدە «USS Abraham Lincoln» ئاۋىياماتكىسى ھۇجۇمچى ئەترىتى بىلەن بىرگە يادرولۇق قورال توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە «B-52» تىپلىق 4 بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن تەشكىل تاپقان بومباردىمانچى ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنى باسرا قولتۇقىغا يوللىغان ئىدى. 

 

 

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر