دونالد ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئىستېپاسى ئۈستىدە توختالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ ئىستېپا بېرىش قارارىدىن چوڭقۇر ئازابلىنىش ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن قىلدى» دېدى.

1208034
دونالد ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئىستېپاسى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ياپونىيەگە مېڭىشتىن ئىلگىرى ئاق ساراينىڭ باغچىسىدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرتسا مېينىڭ ئىستېپاسى ئۈستىدە توختالدى. 

دونالد ترامپ تېرېسا مېينىڭ ئىستېپا قارارىغا باھا بېرىپ، «تېرېسا ئۈچۈن ئازابلاندىم. ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، ناھايىتى ياخشى بىر ئايال. بەكمۇ تىرىشچان ۋە كۈچلۈك. بەزى ئىنسانلار <كۈتۈلمىگەن ئىش> دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ئۇنداق قارىمايدىغان ئىستېپا بېرىش قارارىغا كەلدى. بۇنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن قىلدى. ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، دېمىسىمۇ 2 ھەپتە كېيىن كۆرۈشمەكچىمىز» دېدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي 7ئىيىۇندا پارتيىەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر