ئىراقتا نۇرغۇن ئاممىۋى مازار تېپىلدى

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەترىتى 12 ئاممىۋى مازارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

1207767
ئىراقتا نۇرغۇن ئاممىۋى مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا 2018 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى ياردەم بېرىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەترىتى،  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان ئىككىنچى دوكلاتىدا، دائېشنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى، «2014 – يىلى ئەزىدىلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار»، «2016 – يىلى مۇسۇلدا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر» ۋە «2014 – يىلى تىكرىتتە ئۆلتۈرۈلگەن ئىراقلىق ئەسكەرلەر» تەرىقىسىدە ئۈچ تېما بويىچە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىراقتا 12 ئاممىۋى مازارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى، بۇ مازارلاردىن ئەدلىيە، فىزىكىلىق ۋە بىيولوگىيەلىك دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، دائېش قۇربانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈش ئارقىلىق دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ توپلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، ئەترەتنىڭ، دائېشنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى ئۈچۈن، توپلانغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە سوت مەھكىمىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر