پاكىستان «بۈركۈت-2» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى غەلىبىلىك سىناق قىلدى

پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى گېنېرال ئاسىف گافۇر، بۈركۈت-2 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سىناقتىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1206611
پاكىستان «بۈركۈت-2» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى غەلىبىلىك سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال گافۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «بۈركۈت-2 ناملىق قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىمىز غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ئادەتتىكى ۋە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ يېتىپ بېرىش مۇساپىسى 1500 كىلومېتىر. بۈركۈت-2، پاكىستان ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يالتايدۇرغۇچى كۈچكە ئىگە» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئارمىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، بومبىنىڭ ئومان دېڭىزىدىكى نىشاننى ئۇتۇقلۇق پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى، سىناق جەريانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكىرىي ئەمەلدارلارنىڭ نازارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ياساپ چىققان ۋە غەلىبىلىك سىناق قىلغان ئىنژېنېر ۋە ئەسكەرلەرنى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

پاكىستان ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدىمۇ ئۇزۇن ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلغان. سىناقلاردا بۈركۈت ۋە گائۇرى تىپلىق بومبىلار ئىشلىتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر