مېكسىكىدا قارا گۇرۇھلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

مېكسىكىنىڭ غەربىي قىسمىدا قارا گۇرۇھلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 9 ئادەم ئۆلدى.

1206603
مېكسىكىدا قارا گۇرۇھلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تەپتىش مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، مىچواكان ئۆلكىسىنىڭ ئۇرۇئاپان شەھىرىدە ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 9 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

توقۇنۇشقا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ئارىسىدىكى رايون خاراكتېرلىك نوپۇز تالىشىش كۈرىشى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

مېكسىكىدا ئۆتكەن يىلىنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا 15973 قېتىم جىنايەت سادىر قىلىنغانلىقى، بۇ نىسبەتنىڭ بىر ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %16 ئەتراپىدا ئۆرلەپ كېتىشكە ئىشارەت قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ بولسا، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا، %9.7 ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مېكسىكىدا 2018 – يىلى 1 – دېكابىردا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان پىرېزىدېنت ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور، پايتەخت مېكسىكودا گېنېراللارغا خىتاب قىلىپ، ئارمىيەنىڭ قايتىدىن رەتكە سېلىنىشىنىڭ مېكسىكىنى تېخىمۇ بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر