بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى «بىر خىتاي» سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.

1206961
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى «بىر خىتاي» سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق باياناتچىسى لۇ كاڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا يېقىن جايدىن ئۆتۈشىنى كۈزەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

«بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈردۇق. تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر تېمىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى <بىر خىتاي> سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن لۇ كاڭ، ئامېرىكىنى «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، تەيۋەنگە مۇداخىلە قىلىش مەسىلىسىگە ئېھتىياتچان ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇ پاراخوتلارنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتايدا 1949 – يىلى ماۋنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەيۋەنگە قېچىپ بېرىپ، ئارالدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ۋە «مىلىتارىست خىتاي» دەپمۇ ئاتالغان تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى. بىراق خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانىدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى، «بىر خىتاي» سىياسىتىنى ياقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتايغا پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان تەقدىردە ئەسكىرىي مۇداخىلە قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئارالنىڭ مۇداپىئەسىگە ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا، ھەر يىلى تەيۋەنگە مىلياردلارچە دوللارلىق قورال سېتىپ بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر