مالايشىيا خانى ئەھمەد شاھ ۋاپات بولدى

مالايشىيانىڭ 7-خانى سۇلتان ئەھمەد شاھ 88 ياشتا ۋاپات بولدى.

1205724
مالايشىيا خانى ئەھمەد شاھ ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا خانى سۇلتان ئابدۇللانىڭ ئاتىسى ۋە مالايشىيانىڭ 7-خانى سۇلتان ئەھمەد شاھ 88 ياشتا ۋاپات بولدى.

سۇلتان ئەھمەد شاھنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تاراتقۇلار بىلەن ئورتاقلاشقان پاھاڭ ۋالىيسى ۋان روسدىي ۋان ئىسمايىل، سۇلتان ئەھمەد شاھنىڭ دوختۇرخانىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8:50دە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1930-يىلى پاھاڭ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن ئەھمەد شاھ، 1974-يىلى خانلىق تەختىنى ئاتىسى سۇلتان ئەبۇ بەكىردىن ئۆتكۈزۈۋالىغانىدى.

ئەھمەت شاھ مالايشىيا خانلىقىنى 9 ۋىلايەت ئىچىدە نۆۋەت بىلەن بېكىتىش پىرىنسىپى بويىچە، 1979-يىلى مالايشىيانىڭ 7-خانى بولغانىدى. مالايشىيا خانلىق ۋەزىپىسىنى 1984-يىلىغىچە ئۆتىگەن سۇلتان ئەھمەد شاھ، كېيىنچە پاھاڭ ۋىلايىتىنىڭ خانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

جەمئىي 45 يىل خان بولغان سۇلتان ئەھمەد شاھقا، 15-مالايشىيا خانى سۇلتان مۇھەممەدنىڭ بۇ يىل يانۋاردا ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن قايتىدىن خان بولۇش نۆۋىتى كېلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئەھمەد شاھ، قايتىدىن خان بولۇش ئۈچۈن پاھاڭ خانلىق ماقامىنى 15-يانۋاردا ئوغلى ئابدۇللاقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.


خەتكۈچ: #مالايشىيا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر