ھىندىستان «كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى» قويۇپ بەردى
ھىندىستان رادار ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە «كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى» قويۇپ بەردى.
1206291
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئالەم قاتنىشى تەتقىقاتى تەشكىلاتى (ISRO) تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، « RISAT 2B » ناملىق «كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى» « Polar Satellite Launch Vehicle (PSLV) » ناملىق راكېتا ئارقىلىق ئاندرا پرادېش ئۆلكىسىدىكى ئالەم قاتنىشى بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رادار سۈرەتكە ئېلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان «كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى» يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ھىندىستاننىڭ «كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى» نى ئۈچىنچى قېتىم قويۇپ بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.