ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكاغا جاۋاب قايتۇردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف «ئىقتىسادىي تېررورلۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يىڭنىلىرىنى پاتۇرۇشلار ئىراننى يوقۇتالمايدۇ» دېدى.

1204894
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكاغا جاۋاب قايتۇردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئەگەر ئىران ئۇرۇشۇشنى خالايدىغان بولسا، بۇ ئىراننىڭ رەسمىي ئاخىرىلىشىشى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف مۇنداق دېدى:

«ترامپ <ب> گۇرۇپپسىنىڭ كۈشكۈرتىشلىرى بىلەن ئىسكەندەك (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 336- 323يىللىرى ماكېدونىيە پادىشاھى بولغان)، چىنگىزخان (مىلادىدىن كېيىنكى 11161227يىللىرى مۇڭغول ئېمپرىيەسىنى قۇرغان) ۋە باشقىلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلماقتا. بارلىق ئىشغالىيەتچىلەر يوقۇلۇپ تۈگىدى. بىراق ئىران مىڭ يىلدىن بۇيان تىك تۇرماقتا. ئىقتىسادىي تېررورلۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يىڭنىلىرىنى پاتۇرۇشلار ئىراننى يوقۇتالمايدۇ»

مۇھەممەد جەۋاد زارىف تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، «ھەرگىزمۇ بىرەر ئىرانلىققا تەھدىت سالما!» دېگەن ئالاھىدە ئىشارەتلىك سۆز بىلەن بىرگە «ھۆرمەت قىلىشنى سىناپ باق، ساڭا ئەسقاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئاق ساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جۈن بولتون، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنامىن نېتانياھۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەختى ۋارىسى مۇھەممەد بىم سەلمان ۋە دۇبەي تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن زايىد قاتارلىقلارنى «ترامپنىڭ <ب> گۇرۇپپسى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى يېشىل رايوندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخاناسى بىناسىغا يېقىن جايغا ئالدىنقى كۈنى كەچتە كاتيۇشا رىكاتاسى بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇچى ھېسابىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەگەر ئىران ئۇرۇشۇشنى خالايدىغان بولسا، بۇ ئىراننىڭ رەسمىي ئاخىرىلىشىشى بولۇپ قالىدۇ. سەن ئامېرىكىنى ھەرگىزمۇ قايتا تەھدىت ئەتكۈچى بولما!» دېگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر