«يېشىل رايون» غا راكېتامىيوت ئېتىلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى يېشىل رايون كاتيۇشا ناملىق راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1204617
«يېشىل رايون» غا راكېتامىيوت ئېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە قاراشلىق خەۋپسىزلىك مېدىيا تورى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان ھۆكۈمەت بىنالىرى جايلاشقان يېشىل رايوننىڭ مەركىزىگە كاتيۇشا ناملىق راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدىنىڭ ھەربىي ئىشلار باش كاتىپى مۇھەممەد بەياتى مەھەللىي تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، «يېشىل رايونغا كاتيۇشا ناملىق راكېتامىيوت بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم، بۇ رايوننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قاتناشقا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلمايدۇ. يېشىل رايوننىڭ ھەممىلا يېرى قاتناشقا ئېچىۋېتىلىدۇ» دېدى.

2003 – يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىشغالى بىلەن بىرلىكتە سىمونت تاملار بىلەن قورشىلىپ قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن رايوننىڭ بىر قىسمى ئۆتكەن ئايلاردا قاتناشقا ئېچىۋېتىلگەن، ئىراقلىق ئەمەلدارلار، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە رايوننىڭ ھەممىلا يېرىنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى يۈز بېشى بىل ئۇربان يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «19 – مايدا باغدادتىكى يېشىل رايوننىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدىكى قىسمىدا پارتلاش بولغانلىقىنى بىلىمىز. ۋەقەدە ئامېرىكا ياكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر مەنسۇپلىرى تالاپەتكە ئۇچرىمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر