مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مەككەدە ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

مەككەدە چاقىرىلىشى پىلانلانغان 14-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

1204062
مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مەككەدە ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مەككەدە چاقىرىلىشى پىلانلانغان 14-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 14-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز رىياسەتچىلىكىدە 31-مايدا مەككەدە چاقىرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«مەككە ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى: كېلەچەككە قاراپ»شوئارى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە بەزى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان، ئۈلۈشكۈن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى، مەككەدە 31-مايدا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.

پادىشاھ سەلماننىڭ چاقىرىقىغا بەھرەيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، جىبۇتى ۋە يەمەن دەرھال ئاۋاز قوشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر