كابۇلدا بىر ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ دۇغ ئاباد رايونىدىكى ساقچىخانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1204764
كابۇلدا بىر ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نەسرەت راھىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قووراللىق تېررورچىلارنىڭ پايتەخت كابۇلنىڭ دۇغ ئاباد رايونىدىكى ساقچىخانىغا  ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى زوراۋان بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىككى زوراۋان يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تالىبان بولسا، ھۇجۇمدا 8 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر