خىتايدا تۆمۈر كېنى سۇ ئاستىدا قالدى
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر تۆمۈر كېنىنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشى سەۋەبىدىن 9 كىشى قاپسىلىپ قالدى.
1203251
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Global Times › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۈنكى ناھىيەسىدىكى 43 ئىشچى ئىشلەيدىغان بىر تۆمۈر كېنى سۇ ئاستىدا قالغان، ۋەقەدىن كېيىن 34 ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىغان، 9 ئىشچى بولسا قاپسىلىپ قالغان.
ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى قاپسىلىپ قالغان ئىشلىچارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلىگەن.