ھىندۇنېزىيە تۈرمىسىدىن 154 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

ھىندۇنېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسىدىكى بىر تۈرمىدىن 154 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.

1203428
ھىندۇنېزىيە تۈرمىسىدىن 154 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندۇنېزىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Antara» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇماترا ئۆلكىسىدىكى لاڭكات تۈرمىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بىر مەھبۇستا زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغاندىن كېيىن، باشقا مەھبۇسلارنىڭمۇ ۋەقەگە ئارىلىشىپ بىناغا ئوت قويۇپ بېرىشى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق جەريانىدا، 154 نەپەر مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن. 

رايون مەسئۇللىرى مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، 51 مەھبۇسنىڭ تېپىلمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندۇنېزىيەنىڭ رىئائۇ ئۆلكىسىدىمۇ ئالدىنقى ھەپتە بىر تۈرمىدە يەنە ئوخشاشلا ۋەقە يۈز بېرىپ ئونلىغان مەھبۇس قېچىپ كەتكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر